- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەيدە ئاكسىيە ساھەسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى تەكشۈرۈش ساقچى ئەترىتى قۇرۇلدى
2016.05.17 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى قۇرۇلدى. بۇ تارماق ئەترىتى ئاكسىيە ساھەسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە زەربە بېرىدىغان مەخسۇس كۈچ بولۇپ، بۇ شەھەردىكى ئاكسىيە، زاكاز مال ساھەدىكى جىنايەتلەر ھەم پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىرى، مۇھىم ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
شاڭخەي ساقچى تەرەپ بۇ كەسپىي ئەترەتنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئاكسىيە ساھەسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر