بۇ سۈۋەرەك دۆلەت ئىچىدىكى سۈۋەرەكتىن ئۈچ ھەسسە چوڭ كېلىدىكەن
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ماي، چېڭدۇ تاموژنىسى بىر تۈركۈم تىرىك ھاشاراتنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. شۇكۈنى چېڭدۇ تاموژنىسىنىڭ پوچتىخانىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى تاموژنا خادىملىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرگەن نەق مەيداندا بىر تۈركۈم تىرىك ھاشاراتنى قولغا چۈشۈردى. پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن يوللانمىنىڭ چۈشەندۈرمىسىگە بۇ ھاشاراتلارنىڭ سۈۋەرەك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ بىر تۈركۈم ھاشاراتلار ئايرىم-ئايرىم تۆت سولياۋ قۇتىغا قاچىلانغان بولۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئۈچۈن قۇتا ئەتراپىغا مەخسۇس كىچىك تۆشۈكلەر ئېچىلغان. بۇ بىر تۈركۈم ھاشاراتلارنىڭ بەدەن تىپى دۆلەت ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان سۈۋەرەكتىن ئۈچ ھەسسە چوڭ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ پوچتا يوللانمىلىرى گېرمانىيەدىن سېلىنغان بولۇپ، پوچتا ئارقىلىق كۆپ دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ چېگرادىن ئۆتۈپ، چېڭدۇغا كىرگەن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى