خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دوڭگۇەن شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرى يېقىندا بىر قاتار يەر ئاستى سەرراپخانا دىلولىرىنى پاش قىلىپ، نەقمەيداندىن 15 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇلنى تەكشۈرۈپ بايقىغان.
دوڭگۇەن ساقچى تەرەپ 130دىن كۆپرەك ساقچى كۈچى چىقىرىپ چاڭپىڭ، چىڭشى قاتارلىق بازارلاردا بىر تۇتاش تورنى يىغىپ دىلونى پاش قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لى پالانى، ياڭ پالانى قاتارلىق 11 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، نەقمەيداندىن 14 مىليون 977 مىڭ 500 يۈەن خەلق پۇلى، 504 مىڭ يۈەن شياڭگاڭ پۇلىنى تۇتۇپ قالدى. دىلو بىجىرگەن ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نەقمەيداندا تۇتۇپ قېلىنغان نەق پۇلنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 170 كىلوگرام بولۇپ ھەممىسى 100 يۈەنلىك پۇللار ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئىككى دىلودىكى 17 جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دىلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى