باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت تۆلىمى يېڭى ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۈز قىلىنغاندا، ھەر كۈنىگە 242.3 يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

2016.05.17 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 16-ماي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن ئۆزلىرى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت تۆلەم دىلولىرىنى بېجىرگەندە، كۈنلۈك تۆلەم 242.3 يۈەن بولغان يېڭى تۆلەم ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئۆلچەم بۇلتۇردىكىسىگە قارىغاندا 22.58 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئەرز تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا: «پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىنغاندا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىسدارىسىنىڭ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 63 مىڭ 241 يۈەن بولغان. يۇقارقى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ھەم ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەمىنلىگەن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشنى ھېسابلاش فورمۇلاسىغا ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىشقا تەۋە دۆلەت تۆلىمى دىلولىرىغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا تەپتىش نازارىتى يېڭىدىن كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمىنى 242.3 يۈەن قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم دىلوسىنى بېجىرىشكە ماس كېلىدىغان قانۇنلارغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى يېشىمى»نىڭ 21-ماددىسى 2-تارمىقىدا، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ بۇ كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر