باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق «بەش بىر يۈز» توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر سەرخىللىرىنى باھالاش نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى

2016.05.17 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ماي، جۇڭگو ئېنتېرنېت تورى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 2015-يىللىق «بەش بىر يۈز» توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر سەرخىللىرىنى باھالاش نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتى 2015-يىلى 11-ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، باھالىغۇچىلار دەسلەپكى باھالاش، توردا كۆرسىتىپ بېلەت تاشلاش ۋە ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار بېكىتىش ئارقىلىق، توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر ئۈلگىلىرىدىن 100ى، توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر يېزىق ئەسەرلىرىدىن 100 پارچە، توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر سۈرەتلىرىدىن 100 پارچە، توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر كارتون ئۈن-سىن ئەسەرلىرىدىن 100 پارچە، 100 تۈرلۈك توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر مەخسۇس تېما پائالىيىتى باھالاپ چىقىلدى. تاللانغانلار تىزىملىكى خەلق تورى، يەر شارى تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى، جۇڭگو ياشلار تورىدا ماس قەدەمدە ئېلان قىلىندى.

  بۇ يەرنى بېسىپ، تاللانغانلار تىزىملىكىنى كۆرۈڭ.

  توردىكى ئاكتىپ كۈچلەر ئۈلگىلىرى ئىچىدىكى شىنجاڭ يىگىتلىرى

  @بېيجىڭدىكى شىنجاڭلىقلار

  2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، «بېيجىڭدىكى شىنجاڭلىقلار» مىكرو بىلوگى ھەر كۈنى بىردىن تىرىشچان، ئوچۇق، ئىنتىلىشچان شىنجاڭلىقلارنى تونۇشتۇردى. ئۇلارنى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جۇڭگو ياشلار گېزىتى، يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئېنگىلىزچىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى ۋە جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق تاراتقۇلار زىيارەت قىلدى.

  روزىمەمەت باقى

  روزىمەمەت باقى بىر ئۇيغۇر نېفىت ئىشچىسى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدا ئۆزلىكىدىن خەنزۇچىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن نەتىجىلىرى بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەت يولداشلارغا ياردەم بېرىپ، ئۆزى خىراجەت چىقىرىپ، يۇلغۇن نېفىت تورىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تور بېكەت ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئوننەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى بىر-بىرلەپ چىقىرىپ، نۇرغۇن نېفىت ئىشچىلىرىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە «يۇلغۇن نېفىت تورى»دا روزىمەمەت باقىنىڭ خىزمەت جەريانىدا توپلىغان ۋە رەتلىگەن نېفىت قېزىش ئورنىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان 100دىن كۆپرەك مەسىلە ۋە مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 600دىن كۆپرەك سەۋەبلەر، 500 مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما تەرجىمە دەرسلىكى ۋە ھەر قېتىملىق ئۆگىنىشتە ئۆگەنگەن يېڭى تېخنىكىلار بار. ھازىر بۇ تور بېكەتنىڭ 5000دىن ئارتۇق ئابونىچىسى بار بولۇپ، 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك چېكىلدى.

  ئەخمەتجان ئەبەيدۇللا

  ئەخمەتجان ئەبەيدۇللا كەڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغانلارنى يېتىكلەيدىغان ئۈندىدار سۇپىسى «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى ئاياق ئىزى»نى قۇرۇپ چىقىپ، ئېلان قىلىنغان 600 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئاممىغا كۆپ مەنپەئەت بېرىپ، ئىچىكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى، نۆۋەتتە بۇ سۇپىنىڭ ئەگەشكۈچىسى 30 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى جەلپ قىلدى. «شىنجاڭغا تۇتاشقان قەلبلەر» كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ئۈچۈن كىتاب ئىئانە قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى بىر توپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باشلىغان يۇرتىغا كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە، ئۈچ ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىچكىرىدىكى 30دىن كۆپرەك مەكتەپلەر كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئىئانە قىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلار خەۋەر قىلدى.

  يالقۇن ئوسمان

  يالقۇن ئوسمان «فوتو ئاپپارات + ساياھەت سومكىسى + سەپەر بېلىتى» بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى خاتىرىلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە ئېتراپ قىلغان توردىكى داڭلىق شەخس ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىقتىكى داڭلىق شەخس بولغان يالقۇن ئوسماننى ئەلى بابا ئاممىۋى پاراۋانلىقى 2015-يىلى «ئىلغار پىدائىي» دەپ باھالىدى. يالقۇن ئوسمان شىنجاڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورگانلىرى ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورگانلىرى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى خىزمەتخانىسى قاتارلىق ئىككى شىنجاڭ ئەلئىچى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورگانلىرى ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى قۇردى. بۇ ئىككى سۇپا 130 ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورگانلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئەزالىرى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر مىللەت مېھىرلىك زاتلارنى قاپلىدى.

  نۇرئەلىنىڭ كۇئەي ئېنگىلىز تىلى

  نۇرئەلى ئازادە، خۇشال ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن، 34 تال ئالتۇن تەڭگە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ كېڭەيتتى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى خاتىرىلەپ، سۆرەلمىلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى. نۇرئەلى «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ياشلىق ۋاقىتنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلدى. نۇرئەلى يەنە ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئۆزى خىراجەت چىقىرىپ ئۆتكۈزگەن «كۇئەي ئېنگىلىز تىلى بالدۇر تۇرۇش ئۆمىكى» ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ بالدۇر تۇرۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، توردا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياشلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر