باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشنى قانات يايدۇرۇشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

47 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرىۋېلىندى

2016.05.16 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇلتۇر جەمئىي 207 مىڭ دېلونى پاش قىلىپ، 47 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرىۋېلىپ، بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. مۇخبىر بۇلارنى 15-ماي «2016-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش تەشۋىقات كۈنى» پائالىيىتىدىن ئىگىلىگەن.

  2016-يىللىق «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش تەشۋىقات كۈنى» پائالىيىتى شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە تەڭ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرەققىيات نەتىجىسىنى قوغدايلى».

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جايلارنىڭ ج خ ئورگانلىرى پائالىيەت مەزگىلىدە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋە شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق ئاممىۋى ئىقتىسادىي جىنايەتنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ساختا پۇل، بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە ئەمەلىي نەرسە كۆرگەزمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، جىنايەت ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي زىيىنىنى كۆپ تەرەپتىن ئاشكارىلاپ، مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر