باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.05.16 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ھۆكۈمەت جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، «غەلىتە ئىسپات» تىن ساقلىنىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر» دە، ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىيالى ۋە رەسمىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئومۇمەن قانۇن-نىزام ياكى قائىدە-نىزام ئاساسى يوق ئىسپات ۋە تامغا بېسىش ھالقىسىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر» دە يەنە باشقا شەھەرلەرنىڭ كەسىپ سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش-داۋاملاشتۇرۇش، باشقا شەھەردە داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش، تەمىناتىنى باشقا جايدىن ئېلىش سالاھىيىتى ئىسپاتى قاتارلىق باشقا جايدا كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شۇ ئەتراپتا ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتپ، «مەبلەغ چىقىرىش»، «تەرەپ-تەرەپكە قاتراش» تىن ساقلىنىش. «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى» ئارقىلىق، «غەلىتە ئىسپات» ۋە ئىش بىجىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پۇقرالارنىڭ ئىش بىجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، «پىكىر» دە، جايلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئاپپاراتىدا «بىر جاي» دا مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، تەسىس قىلىنغان تارماق كەسپىي كۆزنەكلەرنى تەدرىجىي بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال كۆزنەككە ئايلاندۇرۇپ، « كۆپ مەنبەلىك قۇبۇل قىلىش» نى «بىر كۆزنەكتە قۇبۇل قىلىش» قا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر» دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2017-يىلى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا شەخسلەرنىڭ رايون ۋە كەسىپ ھالقىغان تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى بىۋاسىتە بېجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، باشقا جامائەت مۇلازىمەت ساھەسىگە ئېچىۋېتىپ قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەممىباپ كارتىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر