باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئېلان قىلىش ۋە مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

لى يۈەنچاۋ سۆز قىلدى، شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى

2016.05.16 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 15-ماي بېيجىڭدا، 2016-يىللىق مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئېلان قىلىش ۋە مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاياللارنىڭ شەخسنىڭ بەختى، ئائىلىنىڭ بەختىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نۇرغۇن تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى ئائىلىلەرنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەۋسىيە قىلىشى، ئۆز ئارا تەۋسىيە قىلىشى، توردا باھالاش قاتارلىق شەكىللەردە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئىزدەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يىغىندا مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك 979 ئائىلە ۋە مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك نەمۇنىچى 98 ئائىلە تەقدىرلەندى، مەملىكەتلىك 961 «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ئېلان قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر