- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودىكى % 70تىن كۆپرەك تور ئەھلى ھەر كۈنى 1-3 سائەتكىچە يان تېلېفون كۆرىدىكەن
2016.05.16 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو مەدەنىيەت تورىنىڭ تارقىلىش يۇقىرى پەللە مۇنبىرىدە، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ئىنستىتۇتىنىڭ «جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ تورغا چىقىش سانلىق مەلۇمات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» (2016) ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى بىلەن ھەرىكىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىۋېتىپتۇ، 70%تىن كۆپرەك تور ئەھلى ھەر كۈنى 1-3 سائەتكىچە يان تېلېفون كۆرىدىكەن. Kindle قاتارلىق كەسپىي ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىدىغان كۆپ سانلىق تور ئەھلى ھەر كۈنى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك يان تېلېفون كۆرىدىكەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەن يان تېلېفون كۆرۈش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، «ئۈندىرار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللايدىغان ۋە دوستلار چەمبىرىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار» تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلەپ، %51.8كە يەتكەن، 2- ئورۇندا تۇرىدىغىنى «كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق تور بەتلەرنى كۆرىدىغانلار %30 پوئىنت ئاشقان. جىنسىي پەرقتىن قارىغاندا، ئەرلەر كۆپرەك خەۋەرلەرنى تاللايدىكەن، ئاياللار ئۈندىدار، ئالاقە تورى ۋە ئەدەبىيات تور بەتلىرىنى تاللايدىكەن.
كىتاب ئوقۇشنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۆلچەرىدىن قارىغاندا، %62.7 زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى تور ئەھلى يان تېلېفون كۆرۈش ھامان كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارىغان، %37.3 زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى تور ئەھلى يان تېلېفون كۆرۈشنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 20 ياشتىن تۆۋەن تور ئەھلى ئىچىدە يان تېلېفون كۆرۈش ھامان كىتاب ئوقۇشنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدىغانلار %82.9كە يېتىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر