- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىقتىسادى جىنايى ھەرىكەتكە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىدە مول نەتىجىلەر بولدى
2016.05.16 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادى جىنايى ھەرىكەتكە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۆتكەن يىلى 207مىڭ قېتىم دېلو پاش قىلىنىپ، 47 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان قايتۇرۇۋېلىندى، بازار ئىقتىسادى تەرتىپىنى قوغداش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشتى. بۇ 15-ماي ئۆتكۈزۈلگەن "2016-يىللىق مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادى جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللار.
2016-يىلى مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادى جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى 15-ماي مەملىكەت بويىچە تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى: خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرەققىياتنى قوغداشتىن ئىبارەت.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر