باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2016.05.16 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 15-ماي بېيجىڭدا 2016-يىللىق مەملىكەتلىك «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ھەمدە مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئاياللارنىڭ بەختلىك بولۇش، ئائىلىسىنى بەختلىك قىلىشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە مۇجەسسەملەشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئامما ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، توردا باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن "ئەڭ گۈزەل ئائىلە" پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. تەقدىرلەش يىغىنىدا مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلىدىن 979ى ۋە مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى مەدەنىيەتلىك ئائىلە ئۈلگىسىدىن 98ى تەقدىرلەندى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىدىن 961ى باھالاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر