باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەگە يېڭىدىن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر پىلانىدىن 600 مونى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى

2016.05.16 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى 592 نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ ھەر بىرىگە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر پىلانىدىن يېڭىدىن 600 مونى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  14-ماي سىچۈەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىچاڭ شەھىرىدە ئېچىلغان ۋۇمېڭشەن تېغى ئەتراپىنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مىنىستىرلىقلار ئارا يىغىنىدا دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەردىن پايدىلىنىش پىلانىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە يەر ئىشلىتىش، ئاشۇرۇش بىلەن كېمەيتىشنى بىرى بىرىگە باغلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يېتەرلىك جانلىق ياخشى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى 2016-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى 592 ناھىيەنىڭ ھەر بىرىگە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر پىلانىدىن يېڭىدىن 600 مونى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يەنە ۋۇمېڭشەن تېغى رايونىدىكى سىچۈەن، يۈننەن، گۈيجۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى بىلەن ۋۇمېڭشەن تېغى رايونىدا «ئالاقە خىزمىتى مېخانىزىمى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىنى» ئىمزالىدى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ۋۇمېڭشەن تېغى رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى قوللاش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. سىياسەت تۈزۈش، مەبلەغ سېلىش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا ئورنىتىلغان نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالىلەرگە ئېتىبار بېرىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە ئىنكاسلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ئارقىلىق، ۋۇمېڭشەن تېغى رايونىنىڭ ئۆلكە ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆلكە ھالقىغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي جەھەتتە ئايرىۋېتىشنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

  2012-يىلى ۋۇمېڭشەن تېغى رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش رەسمىي باشلاندى. مەزكۇر رايون سىچۈەن، يۈننەن، گۈيجۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنى ھالقىپ ئۆتىدۇ. بۇ ئۈچ ئۆلكىدىكى 10 قوشنا رايوندىكى 38 ناھىيە شەھەر رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2015-يىلى ۋۇمېڭشەن تاغلىق رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىگىدارلىقىدىكى كىرىمى 6992 يۈەنگە يېتىپ، %14.4 ئاشتى، ئېشىش دەرىجىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايوندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستىدىكى يىزۇلار يېڭى ئائىلىسى، قاتناش چوڭ جېڭى قاتارلىق زور خەلق تۇرمۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوللاش ئۈچۈن دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بۇ يىل لياڭشەن ئوبلاستىغا 30 مىڭ مو يېڭىدىن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆرسەتكۈچىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ھەمدە بۇ رايوندىكى تۆمۈر يول، تاشيول، سۇچىلىق قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى قاراپ چىقىشتا تەرتىپلەر يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ۋاقىت چەكلىمىسى قىسقارتىلىپ، يېشىل يول ئېچىلىپ ۋاقتىدا بېجىرىلىدۇ، جىددىي ئىش جىددىي بېجىرىلىدۇ، يەر ئىشلىتىشنى قاراپ چىقىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر