- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
20 نەچچە ئۆلكە ئىستودېنتلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى
ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا سەككىز يىل ساقلىنىدۇ
2016.05.16 14:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ساداسى «ئاخبارات ۋە گېزىت ئۈزۈندىلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭشى ئۆلكىسى يېقىندا يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە ئۆلكە ئىستودېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئېلان قىلغان، لايىھەدە ئېلاستىكلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قوللاپ، ئىستودېنتلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىش بېكىتىلگەن.
گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ لايىھەسىدە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلىشىگە بېرىلگەن ۋاقىت چەكلىمىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇش مۇددىتى ئاساسىدا ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە ئۇزارتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەش ۋاقتىنىڭ ئەمەلىي ئوقۇش ۋاقتى قىلىپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
گۇاڭشى «بەيسې» ئىنىستىتۇتى 2-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دا ۋېي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى قۇرۇپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلغىنىدا، ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەندە بىر ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
دا ۋېي مۇنداق دېدى: مەكتەپتە دەرس ئوقۇشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئوقۇش مۇددىتىنى ئۇزاتقاندا ھەم دەرس ئۆگەنگىلى، ھەم ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ، بۇ تەرەققىياتىمىزغا تېخىمۇ پايدىلىق.
ھازىر، گۇاڭشى، بېيجىڭ، شاڭخەي، فۇجيەن، گۈيجۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە ئۆلكە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ لايىھەلەر ئىچىدە، گۇاڭشى، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن قاتارلىقلار ئىستودېنتلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ساقلىنىدىغان ئوقۇش تەۋەلىكىنىڭ كونكرېت يىل چەكلىمىسىنى بېكىتتى، ئوقۇش تەۋەلىكى ئادەتتە ئىككى يىلدىن سەككىز يىلغىچە ساقلىنىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر