باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسى ئېچىلدى

2016.05.16 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىنى قوزغىتىش مۇراسىمى 15-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، گوۋۇيۈەن ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش مىنسىتىرلىقى ۋە بىرلەشمە يىغىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلارنى تەھقىقلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دۇڭ ۋە ئەلى بابا شىركىتىنىڭ باش خەۋپ-خەتەر ئەمەلدارى ليۇ جېنفېي قاتارلىقلار بىرلىكتە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسىنى قوزغاتتى. قوزغىتىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان تاراتقۇلار بىرلىشىپ ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلىپ، كەڭ تاراتقۇلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش، قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئورۇن تەسىس قىلىپ، ئاممىنى ئالداپ سېتىش جىنايەت يىپ ئۇچىنى يىغىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلارنى تەھقىقلەش ئىدارىسىنىڭ ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ئىشخانىسى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ تېخنىكا ياردىمى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش سۇپىسى ئاچتى، بۇ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش 1-سېپىدىكى ساقچىلارنىڭ جايلاردىكى يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال مەلۇم قىلىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن «جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى دەرھال ئېلان قىلىش» ھۆكۈمەت بلوگى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ، «گاۋدې» خەرىتىلىرىدە جامائەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىپ يوللار ئارقىلىق بالىلار يوقاپ كەتكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرگە ئاپتوماتىك يەتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئالداپ سېتىش دېلولىرىنى تېز پاش قىلىپ، يوقاپ كەتكەن بالىلارنى بالدۇرراق تېپىشىغا ماسلىشىدۇ. نۇرغۇن تاراتقۇ ۋەكىللىرى شۇ كۈندىكى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە بىرلىشىپ ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلىپ، كەڭ تاراتقۇلارنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىشىگە ماسلىشىپ، يوقاپ كەتكەن بالىلار ئائىلىسىنىڭ «جەم بولۇش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر