- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: 80 شەھەردە ئۇچۇر بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، «غەلىتە ئىسپات»لار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ
2016.05.13 15:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 12-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاۋ چېنشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 10 تارماق «<ئالاقە تورى + ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى>نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى مۇزاكىرىلىشىپ تۈزگەن، يېقىندا تارقىتىلىپ يولغا قويۇلىدىكەن. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە جامائەت ئىش بېجىرىشتا دائىم ئۇچرايدىغان «نۇرغۇن گۇۋاھنامە بېجىرىش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش»، «غەلىتە ئىسپات، تەكرار ئىسپات ئېلىش»، «بىكار يول مېڭىش، ھەر ياققا چېپىش» قاتارلىق «قىيىن، ئاغرىش، توساق نۇقتىلىق» مەسىلىلەرگە قارىتا، ھازىرقى تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە ئەنئەنىۋى شارائىتتىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى گەۋدىلىك، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يادرو، تارماق، رايون، دەرىجە ھالقىغان ئۇچۇردىن بەھرىلىنىش تۇتقا قىلىنىپ، «بىر نومۇر، بىر كۆزنەك، بىر تور»نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
«يولغا قويۇش لايىھەسى» ئۇچۇر بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 80 شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئىككى يىل ئىچىدە، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ھەر قايسى شەھەرلەر ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە رايون، دەرىجە، تارماق ھالقىپ ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ٪80تىن كۆپرەكىنى توردا بېجىرىپ، ئاممىنىڭ چىپىشىدىن ئۇچۇرنىڭ چېپىشىغا، ئاممىنىڭ ئۇياق-بۇياققا قاتنىشىدىن تارماقلار ئارا ماسلىشىپ بېجىرىشقا، پاسسىپ مۇلازىمەتتىن ئاكتىپ مۇلازىمەتكە ئۆزگىرەيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر