- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ كۈنشېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى
2016.05.13 15:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مىنىستىر ياردەمچىسى قوشۇمچە مېھمان كۈتۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ كۈنشېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭ كۈنشېڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى چىققانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا شەخسىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارغانلىقى، ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلماي، سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلىپ، ھوقۇق-شەھۋانىيلىق سودىسى قىلغانلىقى؛ خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۇل-مال قوبۇل قىلىپ ۋە بېرىپ، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
جاڭ كۈنشېڭ پارتىيە ئەزاسى، رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ، غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ قولىنى ئۈزمەي، خاراكتېرى تېخىمۇ رەزىللىشىپ، ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە «مەمۇرىي ئورگان مەمۇرلىرىنى جازالاش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىشى ۋە مەركەزنى تەستىقلىشى بىلەن جاڭ كۈنشېڭگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش؛ مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا دوكلات قىلىپ، جاڭ كۈنشېڭگە خىزمەتتىن بوشىتىش جازاسى بېرىش؛ جاڭ كۈنشېڭنىڭ جىنايەت مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق پۇل-مۈلكىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر