- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول ترانسپورت خەرىتىسى «چوڭ رېمونت» قىلىنىدۇ
يېقىنقى ئون يىلدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ
2016.05.13 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ماي جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، تۆمۈر يولنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان يول يۈرۈش ۋە ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، 15-مايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە پويىز يۈرۈش يېڭى خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تۆمۈر يولدا يولغا قويۇلغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك پويىز يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش، شۇنداقلا تۆمۈر يول ترانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق تەڭشەش خەرىتىسىدە يولۇچى توشۇش بازىرىدىن قارىغاندا، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلار پويىزىنى كۆپلەپ كۆپەيتىدىكەن. يېڭى خەرىتىدە 3400 جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە چاتما دىۋىگاتىللىق پويىزدىن 2100 جۈپ، ئادەتتىكى پويىزدىن 1200 جۈپ باركەن، يولۇچىلار پويىزى ئەسلىدىكىدىن 300 جۈپ كۆپەيتىلگەن.
يۈك ترانسپورتىدىن قارىغاندا، تۆمۈر يول تارماقلىرى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا پويىز يۈرۈش لىنىيەسىنى 62گە يەتكۈزۈپ، ئەسلىدىكى يۈرۈش لىنىيەسىدىن 17نى كۆپەيتىپ، ٪37.8 ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماللارنى تېز توشۇش تورى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سائىتىگە 120 كىلومېتىر يۈرىدىغان تۈرلۈك يۈك ترانسىپورت تېز پويىزىنىڭ سانىنى 251گە يەتكۈزۈپ، ئەسلىدىكى پويىزدىن 58نى كۆپەيتىپ، ٪30.1 ئاشقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر