- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ «ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلان پروگراممىسى» ئېلان قىلىندى
2016.05.13 15:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلان پروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى. يىرىك پىلان پروگراممىسى پارتىيە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا قىلىنغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاش، تەشكىللىشىنىڭ تۈپ ئاساسى.
يىرىك پىلان پروگراممىسىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، قانۇن بويىچە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىنى ھەقىقىي جەڭگە يىغىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، سىستېما قۇرۇلۇشى، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قوشۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر