باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتماقتا

2016.05.13 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىشنى قانۇن تۈزۈمنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن تۇتۇپ، مەنبەسىدىن قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، جەريانىنى قاتتىق باشقۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نوپۇزلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىزلىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ئىقتىدارى بىلەن سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بۇ يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، بۇ بىر قەدەر كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى گۇ جېنخۇا مۇنداق دەپ قارىدى:بۇ يىل رەتكە سېلىنغاندىن كېيىنكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى تىزدىن ئېلان قىلىنىدۇ؛ بىر تۈركۈم مەزمۇنى تەكرار، قايتا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ئۆلچەم ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفىسورى خۇ جېنگۇاڭ مۇنداق دېدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفىسورى لو يۈنبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا باغلىق. شۇڭا مەنبەسىدىن ئوڭشاش يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئوڭشاشتىكى مۇھىم خىزمەت.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، نۆۋەتتىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە خېيىم خەتەر خەۋىپنى نەزەردە تۇتۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇنىۋېرىسال تۈزەش، كەمكوسلارنى تولۇقلاشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەخسۇس تۈزەش يېمەلىك بىخەتەرلىكىدىكى بىر تۈركۈم ئۇزۇن مەزگىللىك گەۋدىلىك مەسىلىسىلەرنى ھەل قىلىش ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان رازىلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر