باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سىتروللۇق ئۇنىۋېرسال يولۇچىلار تىرانسپورت تۈگىنى بەرپا قىلىدۇ

2016.05.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 12-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلىغىچە ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھەرلىردە يۈز چوڭ تىپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالى ۋە 50 ئايرودۇرۇمنى ئاساس قىلغان زامانىۋىلاشقان، سىتروللۇق ئۇنىۋېرسال يولۇچىلار تىرانسپورت تۈگىنى بەرپا قىلىدۇ.

  ئۇنىۋېرسال يولۇچىلار تىرانسپورت تۈگىنى قاتناش شەكلى ئارا ۋە رايونلار ئارا يولوچىلارنى زور كۆلەملىك ئالمىشىشقا تەشكىللەيدىغان چوڭ تىپتىكى قاتناش مەيدانى. يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان " زامانىۋى ئۇنىۋېرسال يولۇچىلار تىرانسپورت تۈگىنى بەرپا قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەر سۈپىتى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى"دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردىكى ئاساسلىق يولۇچىلار تىرانسپورت تۈگىنىدە ئالمىشىش ۋاقتى 1 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئالمىشىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە ئالمىشىش ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، چوڭ شەھەرلەردە ئالمىشىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. تۈگۈن مەيدانلاردا بىر سەھنە ياكى ئىسترونلۇق ئالمىشىش شەكلى قوللىنىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان قاتناش شەكلىدە ئالمىشىش ۋاقتى ئادەتتە 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر