باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئائىلە ماجرالىرىنى سوتلاش سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى

2016.05.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 11-ماي مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەت مىقياسىدا بېيجىڭ شەھىرى شەرقى شەھەر رايونىلىق خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تەخمىنەن يۈز ئاساسىي قاتلام خەلق سوتى مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنى تاللاپ، 2016-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىككى يىللىق ئائىلە ماجرالىرىنى سوتلاش شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھات سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات سىناق خىزمىتى مېخانىزمى ئاساسلىقى ئائىلە ماجرالىرىنى تەكشۈرگۈچىلەرنى كىرگۈزۈش، ئىجتىمائىي خىزمەتتە ھەمراھ بولۇش ھەمدە بالىلار پىسخىكىسى مۇتەخەسسىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئائىلە ماجرالىرىنى سوتلاش ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئائىلە ماجرالىرىنى بىرتەرەپ قىلىشنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ۋە ئادىمىيلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدلىيە كۈچى، مەمۇمىي كۈچ ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ئائىلە ماجرالىرىنى ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆپ مەنبەلىك ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئائىلە ماجىرالىرى ھەقىمىي مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر