باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ خەلقئارا ساياھەت كىرىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، چىقىمى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2016.05.12 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 114 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىسپانىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئامېرىكا 178 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  بۇ سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى دۇنيا ساياھەت كىرىمى %3.6 ئاشقان بولۇپ، جەمئىي بىر تېرلىيون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  ساياھەت چىقىمى ۋە چىگرىدىن چىققان ئادەم قېتىم سانى جەھەتتە، جۇڭگو شۈبھىسىزكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت چىقىمى بۇلتۇر %25 ئېشىپ، 292 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، ساياھەتچى 128 مىليونغا يەتكەن. ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت چىقىمى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ساياھەت چىقىمى جەھەتتە گېرمانىيە ئۈچىنچى، ئەنگلىيە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر