باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە پۇتبول مەيدانى 70 مىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ

2016.05.12 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىدە 10-ماي ئېلان قىلىنغان «پىلان»دا 2020-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە پۇتبول مەيدانىنى 70 مىڭدىن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىلان»دا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزدە پۇتبول مەيدانلىرى بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە شارائىتى بىر قەدەر ياخشى پۇتبول مەيدانى 10 مىڭدىن ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 130 مىڭ كىشىگە بىر پۇتبول مەيدانى توغرا كەلدى، بۇنىڭ پۇتبول تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى چوڭ. «پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە پۇتبول مەيدانى 70 مىڭدىن ئاشۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئون مىڭ كىشىگە 0.5 پۇتبول مەيدانى توغرا كېلىدۇ، شارائىتى بار جايلاردا 0.7دىن ئاشۇرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەكتەپ پۇتبول مەيدانىدىن 40 مىڭى رېمونت قىلىنىدۇ، جەمئىيەتتە يېڭىدىن 20 مىڭدىن كۆپرەك پۇتبول مەيدانى ياسىلىدۇ.

  پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاز ساندىكى تاغلىق رايونلاردىن باشقا، ھەربىر ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندا ئاز دېگەندە ئىككى ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى ياسىلىدۇ، كونا مەھەللىلەردىمۇ شارائىت ھازىرلىنىپ، كىچىك تىپتىكى، ئۇنىۋېرسال مەيدانلار ياسىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر