باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش كەسىپتىكى ماي باھاسى تولۇقلىمىسى سىياسىتى تەڭشىلىدۇ

2016.05.12 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 10-ماي مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەھەر ئاممىۋىي قاتنىشى، يېزا يولۇچىلار ترانسىپورتى، تاكسى، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردىكى ماي باھاسى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى تەڭشەپ، ماي باھاسى تولۇقلىمىسى ۋە ماي ئىشلىتىش مىقدارىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزىمىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2006-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى شەھەر ئاممىۋىي قاتنىشى، يېزا يولۇچىلار ترانسىپورتى، تاكسى، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق بەش كەسىپكە جەمئىي 504 مىليارد يۈەن ماي تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جايلار ماي باھاسى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر