باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېلونى تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇرغۇزۇلغان دېلو %30 كە يېقىن ئاشتى

2016.05.12 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 10-ماي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئوقۇشىچە، ئېلىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2015-يىلى 1-مايدىن باشلاپ دېلونى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇ يىل 31-مارتقىچە، جەمئىي 14 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق دېلو تىزىملاپ تۇرغۇزۇلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 كۆپ ئىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ خەنچاۋ مۇنداق دېدى: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇزاقتىن بۇيان خەلق ئاممىسىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ كەلگەن دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى «دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى تارىخقا ئايلاندى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللىگىيەسىنىڭ باشلىقى جياڭ چىبونىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دېلونى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۇ يىل 31-مارتقىچە مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى تىزىمغا ئېلىپ تۇرغۇزغان ھەق-تەلەپ دېلوسى %25 ، مەمۇرىي دېلو %60، جىنايى ئىشلار دەۋا دېلوسى %60 كە يېقىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شەنشىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە ئەڭ كۆپ بولغان.

  جىڭ خەنچاۋ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دېلونى تىزىملاش تۈزۈمىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلار ئەدلىيەگە ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، دېلو تىزىملاپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە پاراكەندىچىلىك سالغانلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر