باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى

2016.05.12 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 10-ماي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، باشقا تەبىئىي بايلىقلارنى تەدرىجىي باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كان بايلىقى بېجىدا باھاغا قاراپ باج ئېلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش؛ ھازىرقى مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ئىسلاھ قىلىنىدىغان كان بايلىقى بېجى كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بايلىق بېجى ئېلىشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئالدى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىدە سۇ بايلىقى بېجى سىنىقى يولغا قويۇلىدۇ، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن تارتىپ رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، يەر ئۈستى سۈيىدە ئوتتۇرىچە ھەر كۇب مېتىرىنىڭ 40 پۇڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ، يەر ئاستى سۈيىدە ئوتتۇرىچە ھەر كۇب مېتىرىنىڭ بىر يېرىم يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، كونكرېت سۇ ئىشلىتىش تۈرلىرى ۋە مۇۋاپىق باج ئۆلچىمىنى خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېكىتىپ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇ سەرپىياتى كۆپ كەسىپلەر، پىلاندىن ھالقىپ سۇ ئىشلەتكەن ۋە يەر ئاستى سۈيىنى نورمىدىن ئارتۇق ئاچقان جايلار يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلەتكەندە، يۇقىرى سوممىلىق باج ئۆلچىمىنى بېكىتىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇدا ئەسلىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر