باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ: يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مالىيە مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2016.05.12 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشىنى قوللاشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانىنى باشلامچى، نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى سەھنە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مالىيە مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ مەركەزلىك ئىشلىتىشىنى قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مالىيە مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشىنى قوللاش نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت-شەھەرلەر مالىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەبلەغكە ئىشلىتىپ، بىرىكتۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سىناق قىلىنغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشىگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمەتلىرىگە مەركەزلىك ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشى؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ مالىيە كاپالەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نامرات ناھىيەلەرگە ئېتىبار بېرىش، قوللاشنى كۈچەيتىشى؛ سىناق قىلىنغان نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ۋە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، مەبلەغ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشتىكى باش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر