- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىزدە 4-ئايدا قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ 1285 كىشى قازا قىلغان
2016.05.12 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 11-ماي ئېلان قىلغان بۇ يىل 4-ئايدىكى مەملىكەت بويىچە قانۇندا بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوكلات قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلار 653 مىڭ 680 قېتىم بولغان، 1285 كىشى ئۆلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدە چۇما كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش دوكلاتى كۆرۈلمىگەن، خولېرا كېسىلى ئىككى قېتىم كۆرۈلگەن، ئۆلگەنلەر يوق. B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدىكى تىپىك يۇقۇم بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى، ئادەمگە يۇقىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلىشى يۇقىرى قۇش زۇكىمى ۋە بوغما كېسىلى كۆرۈلمىگەن، ئۆلگەنلەر يوق، باشقا 22 تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلدىن 303 مىڭ 684 قېتىم كۆرۈلگەن، 1259 كىشى ئۆلگەن.
دوكلاتتا كېسەللىك قوزغىلىش سانى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىكى كېسەللىكلەر ئايرىم-ئايرىم ۋىرۇس خاراكتېرىدىكى جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، سىفىلىس، سوزنەك ۋە باكتېرىيە خاراكتېرلىك ۋە ئاميوبا خاراكتېرلىك تولغاق بولۇپ، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئومۇمىي سانىنىڭ %92نى ئىگىلەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر