باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە سوت مەھكىمىلىرى ئائىلە ۋەقەلىرىنى سوتلاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2016.05.12 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ماي، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە بېيجىڭ شەھىرى دوڭچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دەك ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى تاللاپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مۇددىتى ئىككى يىللىق بولغان ئائىلە ۋەقەلىرىنى سوتلاش شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ خىزمەت مېخانىزمى ئاساسلىقى ئائىلە ۋەقەلىرىنى تەكشۈرگۈچى، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ ھەمراھ بولۇپ كۈتۈشى ۋە بالىلار پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى كىرگۈزۈش تەتقىق قىلىنىپ، ئائىلە ۋەقەلىرىنى سوتلاشنىڭ ئەدىلىيەلىك مۇلازىمىتى ۋە كاپالەت سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، ئائىلە ۋەقەلىرى ماجىرالىرىنى كەسپىيلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان ۋە ئىنسانىيلاشقان ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق مەزمۇنلار باركەن . ئەدىلىيە كۈچلىرى، مەمۇرىي كۈچ ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرۇلۇشى بىرىككەن يېڭى تىپتىكى ئائىلە ۋەقەسى ماجىرالىرىنى ئۇنىۋېرسال كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىش مېخانىزمى قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ماجىرانى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈملۈك جەمئىيەت بىرلەشمە كۈچى بارلىققا كەلتۈرلۈپ، ئائىلە ۋەقەسى ماجىرالىرى ئەمەلىي ياخشى ھەل قىلىنىدىكەن.

  ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چېتىلىدىغان «ئائىلە ۋەقەلىرى» سالاھىيەت مۇناسىۋىتى بېكىتىلگەن دىلو ۋە سالاھىيەت مۇناسىۋىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان ئائىلە ماجىرالىرى بولۇپ، تويلىشىش دىلوسى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە دىلوسى، بېقىش، بېقىش ۋە بېقىۋېلىش ماجىراسى دىلولىرى، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتى دىلولىرى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ماجىراسى دىلولىرى، بىللە تۇرۇش مۇناسىۋىتى دىلولىرى، مىراسخورلۇق ۋە ئائىلە مۈلكىنى بۆلۈشۈش ماجىراسى دىلولىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر