باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ بايلىقى بېجى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

ئالدى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىدە سىناق قىلىنىپ ئاندىن مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2016.05.12 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 10-ماي ئېلان قىلغان «تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە يۈرۈشلەشكەن تەپسىلىي قائىدىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەبىئىي بايلىق بېجى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالدى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىدە سۇ بايلىقى بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، سۇ، ئورمان، يايلاق، سازلىق قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش؛ كان مەھسۇلاتى بايلىقى بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىنغان كان مەھسۇلاتى بايلىقى باج كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى يەرلىك مالىيە كىرىمىغا كىرگۈزۈش كېرەك. بۇ قېتىملىق تەبىئىي بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتى ۋە سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ تەبىئىي بايلىق بېجى 1984-يىلدىن باشلانغان بولۇپ، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە خام نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق كان مەھسۇلاتى بايلىقىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئېلىنىدۇ. گوۋۇيۈەن 1994-يىلى تەبىئىي بايلىق بېجىنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش نىزامىنى ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېلىش، مىقدارى، نورمىسىغا قاراپ ئېلىش ئۇسۇلىنى بېكىتتى. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2010-يىلدىن باشلاپ خام نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، سىرەك يەر، ۋولفرام، مولىبدېندىن ئىبارەت ئالتە تۈر بويىچە تەبىئىي بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى ۋە ئالاقىدار ھەق ئېلىش فوندى ئومۇميۈزلۈك تازىلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر