- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىلى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشى ئازايتىلىدۇ
2016.05.12 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە يەر ئىشلىتىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، يەرنى پىلانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بۇ يىلدىن باشلاپ يەر پىلانىنى يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە كونترول قىلىپ، ئۈچ يىللىق ئايلانما شتات، پىلاننى يىلغا ئايرىپ ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە ئېقىم نىسبىتى بويىچە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر پىلانى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش-كېمەيتىشكە ئالاقىدار پىلان، زاۋۇت-كانلارنىڭ تاشلاندۇق يەرلىرىنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش پىلانىنى تەڭ ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارماقلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر پىلانى، كۆپەيتىش-كېمەيتىشكە ئالاقىدار پىلان ۋە زاۋۇت-كانلارنىڭ تاشلاندۇق يەرلىرىنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش پىلانىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر ئومۇمىي مىقدارى بىلەن كۈچلۈكلىكىنى قوش كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، زاپاس يەرلەرنى ئىشلىتىشنى زورايتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سالمىقىنى جانلاندۇرۇپ ۋە تولۇقلاپ، ئەڭ قاتتىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر