باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: بۇ يىل يېمەكلىكتە ساختىلىق ئىشلىتىش، ساختا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

2016.05.12 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. «خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى» قانۇن-بەلگىلىمە ئۆلچەملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن قول سېلىپ، مەنبەدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش، جەريانىنى قاتتىق باشقۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش نوپۇزلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  «خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىزلىتىش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرىنىڭ قالدۇق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، يېمەكلىكتە ساختىلىق ئىشلىتىش، ساختا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كارخانا سۇبيېكتلىرى بىلەن پاراڭلىشىش دائىملىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ۋەدە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر