باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 92 كىشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.05.12 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 92 كىشىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ، مۇشۇ توربېكىتى « 1-ماي»، تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئۇدا ئىككىنچى ھەپتىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 30 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىشلىق دېلولار ئىچىدە خېبېي، خۇبېي ئۆلكىسىدىن ئايرىم-ئايرىم يەتتە كىشى بار بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ شەندۇڭدىن ئالتە كىشى بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ تيەنجىن، جياڭسۇ، ئەنخۇيدىن ئايرىم-ئايرىم بەش كىشى بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 كىشى بايرام مەزگىلىدە سوۋغات قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بايراملىق پاراۋانلىق تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر