باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2016.05.12 13:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا، جايلار ھەرقايسى ھالقىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، سوئال قەغىزى بېسىپ چىقىرىش، يۆتكەش، ساقلاش، تارقىتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق تەرتىپلەرگە بولغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھانغا چېتىشلىق مەخپىيەتلىكنى ساقلىغۇچى خادىملارنى تاللاش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان سوئالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئالدىنقى كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى توغرىسىدا مىنىستىرلىق ئارا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئۇچۇر-ئالاقە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەخسۇس تۈرلۈك زەربە بېرىش-تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر