- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى
2016.05.11 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، يەرلىكتىكى ئىككى قېتىملىق دوختۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىپ زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىككى زوراۋانلىق ۋەقەسى: چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ۋە جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن تېببىي خادىملارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىدىن ئىبارەت. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىككى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەرلىكنى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ھەم بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بۇيرىدى.
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرىدىن يارىلانغان تېببىي خادىملارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ساھەسىگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تېببىي خادىملارغا زوراۋانلىق قىلىپ زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى، ھەر بىر دېلوغا ئاخىرىغىچە دىققەت قىلىپ، تېببىي خادىملارنى زەخىملەندۈرىدىغان، داۋالاش تەرتىپىگە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان ھەر قانداق قانۇنسىز جىنايى ئۇنسۇرلارنى قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىپ، بىمارلارغا ياخشى، تەرتىپلىك داۋالىنىش مۇھىتى، تېببىي خادىملارغا بىخەتەر، مۇقىم خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى، داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىمارلار بىرلىكتە كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان تېببىي خادىم-بىمار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر