باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى بانكا ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلدى

2016.05.11 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە بانكىچىلىق بويىچە تۇنجى خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانا بولمىغان ئورۇنلار ( قانۇنىي ئىگە) خاراكتېرلىك «شاڭخەي بانكىچىلىق ماجىرالىرىنى كېلىشتۈرۈش مەركىزى» بۈگۈن قۇرۇلدى. ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش مەركىزىنىڭ كېڭەش باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك سودا-سانائەت شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى گۇ گومىڭ بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ بېيخۇا ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈش مەركىزى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ماجىرالىرىنى كېلىشتۈرۈش ۋە جامائەت تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.ھازىرغا قەدەر، بۇ مەركەز 47 مۇرەسسە دېلوسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 29نى مۇرەسسە قىلغان، 24ى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى 80%تىن ئاشقان. مۇرەسسە قىلىنغان دېلولاردىن كىرېدىت كارتوچكىسى ماجىراسى، شەخسىي ۋە شىركەت قەرز ماجىراسى، ۋاكالىتەن سۇغۇرتا سېتىش قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر