- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز 1-ئىيۇلدىن باشلاپ تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ
2016.05.11 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 10-ماي بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېلىمىزنىڭ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ 1-ماي تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز يولغا قويغان يەنە بىر مۇھىم باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى تارماق چىقارغان «تەبىئىي بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، ئېلىمىز سۇ بايلىقى بېجىنى ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ ۋە ئالدى بىلەن خېبېيدا نۇقتىدا سىناق قىلىپ، سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مىقدارىغا قاراپ نورما بويىچە ھېسابلاپ باج ئېلىشنى يولغا قويۇپ، سۇنى ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىدىغان ساھە، پىلاندىن ئارتۇق سۇ ئىشلەتكەن ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشى پىلاندىن ئېشىپ كەتكەن جايلارنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ باج سوممىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ ئەسلىدىكى ھەق ئېلىش سەۋىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى باشقا جايلارنى تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر