باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەينىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «8-ماي» لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2016.05.11 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ فۇجيەن تەينىڭ لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش-ياردەم بېرىشكە قوماندانلىق قىلىش شتابىدىن ئۇقۇشىچە، 10-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يەنە ئىككى كىشى بىلەن ئالاقىلاشقان. 10-ماي سائەت 17:00كىچە، 35 كىشى ئاپەتتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، بىر كىشى يوقاپ كەتكەن.

  قۇتقۇزۇش خادىملىرى 9-ماي سائەت 9:30لەردە ئاپەت نەق مەيدانىدا تۆت گاز باكى بىلەن ماي تۇڭىنى بايقاپ، قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خەتەر مەنبەسىنى ۋاقتىدا بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىپ، خەتەرلىك بويۇملارنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى ۋە نەق مەيداندىكى خەتەرلىك بويۇملارنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 10-ماي چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئاڭلىدى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. 10-ماي سائەت 15:00كىچە، 36 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يوقاپ كەتكەنلىكى ئايدىڭلاشتى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 35 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئادەم قۇتقۇزۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشنى؛ ئاپەتنىڭ خاراكتېرى، كېلىپ چىقىش سەۋەبى، كۆلىمى، ئاقىۋىتى ۋە خىزمەت ئورنى تاللاش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر