باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مەخسۇس كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى

2016.05.11 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەلئارا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 9-ماي گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس كۆزىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن يەنە توققۇز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنى 18 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)گە نەق مەيداندا كۆزىتىشكە ئەۋەتىپ، 3-تەرەپ باھالاش ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى كېمەيتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىق ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى كۆپ بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەت ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت ئەھۋالىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، ساقلانغان مەسىلە ۋە پەرقلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىش تەدبىرى ۋە سىياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. سىياسەتكە چۈشەنچە بېرىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىچى روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، تىپىك ئۈلگىلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر