- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى سانى 530تىن 60قا ئازايتىلدى
2016.05.11 14:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ماي شىئەندە ئېچىلغان مەملىكەتلىك سەنئەت ئىجادىيەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى تۈرلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىش ئارقىلىق، سەنئەت ئىجادىيەت مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئەدەبىيات-سەنئەت باھالاش مۇكاپاتلىرىنى قىسقارتىش، باھا بېرىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سەنئەتنى باھالاش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لو شۇگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى دائىملىق تەسىس قىلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتلىرىدىن پەقەت جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت ھۆكۈمەت مۇكاپاتى بىر تۈرنىلا ساقلاپ قالغان، مۇكاپات سانى 530 تۈردىن 60قا قىسقارتىلغان، قىسقارتىلىش نىسبىتى %89 بولغان، تارماق تۈرلەر 24تىن سەككىزگە قىسقارتىلغان، قىسقارتىلىش نىسبىتى %67 بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەت ئىچىدىكى مەملىكەت بويىچە ئەدەبىيات-سەنئەت مۇسابىقىسى ۋە ئويۇن قويۇشتىكى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىپ، پەقەت ئۈچ تۈرلۈك خەلقئارالىق سەنئەت بايرىمىدىكى مۇكاپاتلاش ساقلىنىپ قالغان.
جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت ھۆكۈمەت مۇكاپاتى بولغان ۋېنخۇا مۇكاپاتىنى مىسال قىلساق، ۋېنخۇا مۇكاپاتىدا ۋېنخۇا چوڭ مۇكاپاتى ۋە ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى قاتارلىق ئىككى تارماق تۈر تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر تۈردىكى مۇكاپاتلاش سانى ئايرىم-ئايرىم 10 بولۇپ، ۋېنخۇا تىياتىر مۇكاپاتى، رېژىسسور مۇكاپاتى قاتارلىق يەككە تۈردىكى مۇكاپاتلار بىكار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېنخۇا چوڭ مۇكاپاتىنى باھالاشتا ئورۇنلاش قېتىم سانىغا تەلەپ قويۇلغان، ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتىدا باھالىنىدىغان ئارتىسلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن يىللىق ئوتتۇرىچە ئويۇن قويۇش قېتىم سانىغىمۇ ئېنىق تەلەپ قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، باھالىغۇچىلار تەرەپتە مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىدىن باشقا يەنە ئامما باھالىغۇچى كۆپەيتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر