باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەۋھۇم يۈرۈشتۈرگۈچىلەر بىر ئاي ئىچىدە راست ئىسىم تىزىملاشنى تاماملىشى كېرەك

2016.05.10 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەۋھۇم يۈرۈشتۈرگۈچىلەرنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئالدىنقى مەزگىللەردە راست ئىسىم تىزىملانمىغان، ساختا تىزىملانغان تېلېفون نومۇرلىرىغا قارىتا ئابونىچىلار سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاپ تىزىملاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىشىنى تەلەپ قىلدى. تالاش-تارتىشقا ئۇچرىغان 170 نومۇر بۆلىكىنىڭ ئاۋارە قىلىشى، ئالدامچىلىق تېلېفونى قاتارلىقلارنىڭ مەنبەدىن تۈزىلىشىدىن ئۈمىد بار بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەنئەنىۋى تەرەپتە ھوقۇق بېرىش تاختىسى، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئوقۇغۇچ قاتارلىقلار بىر تۇتاش سەپلىنىپ، مەۋھۇم يۈرۈشتۈرگۈچىلەر يان تېلېفون كارتىسى ساتقاندا چوقۇم ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئوقۇغۇچ ئارقىلىق سالاھىيىتى تەكشۈرۈلۈپ، ئابونىچىلار ئۇچۇرى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈلىدىكەن؛ توردا كارتا ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرگەنلەر چوقۇم كىملىك ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولۇپ، ئابونىچىلار كىملىكىنىڭ ئوڭ، تەتۈر يۈزى ۋە ئابونىچىنىڭ كىملىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن، تېز يوللانما تاپشۇرۇۋالغاندا يەنە كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىشى ۋە ھۆججەت ئۈچۈن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر