باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، شەھەردە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئەركىن كەسىپلىشىشى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

2016.05.10 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى توققۇز ئۆلكە (شەھەر)نىڭ ساياھەت كومىتېتى (ئىدارىسى)غا «دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىرى ئەركىن كەسىپلىشىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى چۈشۈردى. ئۇقتۇرۇشتا، 5-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە توققۇز ئۆلكە (شەھەر)دىكى ساياھەت كومىتېتى (ئىدارىسى) رەسمىي ھالدا لىنىيە ئىچى بىلەن لىنىيە سىرتىنى بىرلەشتۈرگەن ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئەركىن كەسىپلىشىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى باشلىشى تەلەپ قىلىندى. كەلگۈسىدە ساياھەت يېتەكچىلىرى تور سۇپىسى، لىنىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئارقىلىق ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئىستېمالچىلارنى يەككە چۈشەندۈرۈش ياكى يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى ھەم ئۈچىنچى تەرەپ تۆلەش سۇپىسى ئارقىلىق، ساياھەت يېتەكچىلىك مۇلازىمەت ھەققىنى ئالالايدىغانلىقىنى، كەسپىي ساھەدىكى ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئەركىن كەسىپلىشىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە «مال سېتىۋېلىش ئۆمىكى» ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كەلگۈسىدە ساياھەت يېتەكچىلىكى ئەركىن كەسپى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگاننىڭ خاراكتېرى مەيلى لىنىيە ئىچى ياكى لىنىيە سىرتىدىن بولسۇن، ھەممىسىلا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «مەملىكەتلىك ساياھەت يېتەكچىلىك ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى» بىلەن ئۇلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ساياھەت يېتەكچىسىگە قارىتا سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپى ئۇچۇرلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ باھا ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر