باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ

2016.05.10 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى تۈزۈپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن «2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانى» يېقىندا نەشر قىلىنىپ تاقىتىلىدىكەن.

  2015-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىللىق ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۆزگىرىشلەر بار ئىكەن:

  بىرىنچىسى، سۇبيېكتىپ سوئال ئىمتىھانىدا ئەدىلىيە تۈزۈمى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقى پەنلىرىنىڭ ئىمتىھان مەزمۇنىنى كۆپەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  ئىككىنچىسى، قانۇن-بەلگىلىمە تۈزۈش، ئۆزگەرتىش ئەھۋالى، ئەدىلىيە تۈزۈمى مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتى ۋە قانۇنچىلىق نەزەرىيەسى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ بىلىم نۇقتىلىرىغا قارىتا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.

  ئۈچىنچىسى، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇنقى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، پىلان تېزىسىگە قوشۇمچە قىلىنغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە قارىتا مۇناسىپ كۆپەيتىش-قىسقارتىش ئېلىپ بېرىلىپ، «جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (توققۇزىنچى)»، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى> ماس كېلىدىغان بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى يېشىمى (بىرىنچى)» ۋە «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئەرز قانۇنى> ماس كېلىدىغان بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى يېشىمى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەر، قانۇن يېشىملىرى ۋە قائىدىلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن.

  يەنە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش، قوبۇل قىلىنىش قاتارلىق سىياسەتلەر داۋاملىق «دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر