باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېلىش چەكلىنىدۇ

2016.05.10 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسى ۋە دەرس ئۆلچىمى بويىچە تەنتەربىيە دەرسىنى يېتەرلىك، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەككەن، تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىشى ۋە ئىگىلىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول قاتارلىق كوللېكتىپ تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، گىمناستىكا قاتارلىق ئاساسىي تۈرلەر بىلەن قار-مۇز قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىك-تاك توپ، پەي توپ، چامباشچىلىق قاتارلىق ياخشى تۈرلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. مىللىي، ئەلئارا تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يەنىمۇ قېزىپ رەتلەپ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىدا ساغلاملىق بىلىم مائارىپىنى كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەت ماھارىتى ئۆگىتىشكە ئېتىبار بېرىپ، ھەرىكەت يۈكىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەشىققە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىردىن ئىككىگىچە تەنھەرىكەت ماھارىتىنى پۇختا ئىگەللىگۈزۈپ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوخشىمىغان تىپتىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە ئوقۇتۇش بايلىقىنى تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان دەرستىن سىرت تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئوقۇتۇش پىلانىغا، مەشغۇلات ۋاقتىغا كىرگۈزۈپ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە كۈندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر