باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە 71 مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى

ئۈچى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرغا ئۆستۈرۈلدى

2016.05.10 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىسى گۇاڭفېڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جېن گۇاڭچۈەننى جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەش، خېنەن ئۆلكىسى جېنجۇ شەھىرى چىنشۇي رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جېن خاۋدۇڭنى خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ۋاقتى بۈگۈن، ئەتە توشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئاشكارا ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەركەز 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 102 كىشىگە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» دېگەن نامنى بەرگەندىن بۇيان، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەت بويىچە 71 مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلگەن.

  ئۈچ كىشى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرغا ئۆستۈرۈلدى، 19 كىشى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى

  بۇلتۇر «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى» بولۇپ تاللانغانلار ئىچىدە ئۈچى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرغا ئۆستۈرۈلدى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ نىڭ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چېڭ ليەنيۈەن، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە كۇنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەندى، تيەنجىن شەھىرى نىڭخې ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لى شۇچى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا جياڭسۇدىكى خۇي جيەنلىن چاڭشۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىدىن بىۋاسىتە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر خۇەيئەن شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

  ۋاڭ نىڭ، لى شۇچىدىن باشقا يەنە خېبېي ئۆلكىسىدىن لۈ جىچېڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىن جاڭ يۇڭنىڭ بىلەن لياۋ جۈنبو، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن ياڭ خۇڭتاۋ، خۇنەن ئۆلكىسىدىن جاڭ شيا(ئايال) بىلەن ۋاڭ خۇڭبىن، سىچۇەن ئۆلكىسىدىن ليۇ شيەنۋېي بىلەن جاڭ شاڭخۇا، گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن جاڭ جېنچياڭ، شەنشى ئۆلكىسىدىن سۈن كۇاڭلىڭ(ئايال)بىلەن جۇ جىڭشياڭ، شىنجاڭدىن ما جيەن، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن يۈ شۆلى، خۇبېي ئۆلكىسىدىن شيۇ جېڭيۈ قاتارلىق 14 كىشى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى؛ سىچۇەن ئۆلكىسىدىن خې كاڭلىن، يۈننەن ئۆلكىسىدىن لى خۇڭۋېن بىلەن ياڭ چېڭشيەن قاتارلىق ئۈچ كىشى مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىپ، جەمئىي 19 كىشى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي رايوننىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى(ئوبلاست باشلىقى) بولۇپ تەيىنلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر