باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ

قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالىنىدۇ

2016.05.10 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن، قەستەن ياكى يامان نىيەتتە جىسمانىي، سۆز ياكى تور قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بوزەك قىلىپ، ھاقارەتلەپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەشكە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى؛ مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈزەش جەريانىنى نازارەت قىلىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، خاتىرە قالدۇرۇشى ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ تەپتىش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى؛ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتە بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەش تېمىسىدا مەخسۇس تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت، پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى مەكتەپلەردە قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنى مەكتەپتە بوزەك قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىر ۋە ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى؛ مەكتەپتە بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى، تەدبىرى ئورنىتىپ، مەكتەپتە بوزەك قىلىش ۋەقەسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئالاقىدار ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپتە بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ مەكتەپتە بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەشنىڭ ئادەم، مۈلۈك ۋە تېخنىكا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكا مەسلىھەت ئۆيىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىدىن مەسلىھەت سورىشىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ياكى مەكتەپتە بوزەك قىلىشنى تۈزەشنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە ئېنىق مەسئۇلىنى ئېلان قىلىش؛ مەكتەپتە بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ۋە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر