باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى

2016.05.10 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تاشقى سودا خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى شۇنداقلا ئۇنى ئالغا سىلجىتقۇچى كۈچ. ھازىر، تاشقى سودا ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ئېنىقسىز، تۇراقسىز ئامىللار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە تۆۋەندىكىدەك بەش جەھەتتىن 14 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش.

  ئىككىنچى، تاشقى سودىنىڭ ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش.

  ئۈچىنچى، تاشقى سودا رىقابىتىدە يېڭى ئەۋزەللىك يېتىشتۈرۈش.

  تۆتىنچى، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇش.

  بەشىنچى، تاشقى سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر