خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 9-ماي، فۇجيەن ئۆلكىسى تەينىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن لاتقا ئېقىن ئاپىتىدىكى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى. 8-ماي سائەت 4 دە، تەينىڭ ناھىيەسى كەيشەن يېزىسىدا لاتقا ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، چېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر خىزمەت بىناسىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ياتاق ئۆيىنى بېسىۋالغان. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تەينىڭدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ماي سائەت 20 گىچە، تەينىڭ ناھىيەسى تيەنكەي يېزىسىدا يۈز بەرگەن لاتقا ئېقىن ئاپىتىدە قازا قىلغان 34 كىشىنى بايقىغان، يەنە تۆت ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى