- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فۇ جېڭخۇا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى بولدى
2016.05.10 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى فۇ شېڭكۈن جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ جېڭخۇا قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان. بۇ، فۇ جېڭخۇانىڭ تۇنجى قېتىم جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن نامايان بولۇشى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، فۇ جېڭخۇا بۇنىڭدىن ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن (مىنىستىر دەرىجىلىك).
فۇ جېڭخۇانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
فۇ جېڭخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لۇەنشىيەن ناھىيەسىدىن، 1973-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1970-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى. ھازىر ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن نازارەتچى ساقچى ئۇنۋانىغا ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر