باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹2016–يىللىق مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش ۋە سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى››نى ئېلان قىلدى

2016.05.09 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹2016 – يىللىق مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش – سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹مۇھىم نۇقتا›› دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى ھەم تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تەسىر قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھوقۇققا چېقىلىش، ساختا تاۋار ياساش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ‹‹مۇھىم نۇقتا››دا يەتتە جەھەتتىكى 27 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بىرىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. توردا ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىش ۋە ھوقۇققا چېقىلىپ نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرىغا كۈچەپ زەربە بېرىپ، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايلارنىڭ بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىناۋىتىنى ساقلاش تېمىسىدىكى ‹‹ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇش›› ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يۇمشاق دېتاللارنى رەسمىي نەشرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەھەتلەردىكى ھوقۇققا چېقىلىش، ساختا تاۋار ياساش ۋە سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ساھەلەرنى دائىم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ساختا، ناچار دورىلارنى ياساش ۋە سېتىش، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ ‹‹تۇمان – تۈتەكتىن ساقلىنىش›› تاۋارلىرىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەش؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ سودا مەخپىيەتلىكىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قانۇن – نىزام ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، دورا باشقۇرۇش قانۇنى، ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى، پاتېنت ھوقۇقى، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ساپلىقىنى نازارەت قىلىش نىزامى، پاتېنت ۋاكالەتچىلىكى نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈش ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھوقۇققا چېقىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا تاۋارلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ يوقىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە قانۇن جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن دېلولارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ، چاڭجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ۋە پان جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارنىڭ قانۇن ئىجراسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھوقۇققا چېقىلىش ۋە ساختا تاۋار سېتىش قاتارلىق جىنايى دېلولىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق دېلولارنى ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سوتلاشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش›› ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساھەلەرنىڭ تەلەپچان بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇلار بىلەن جامائەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇققا چېقىلىشقا، ساختا تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بىرلىكتە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  ئالتىنچى، تەشۋىق – تەربىيەنى ھەر خىل ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك تاراتقۇلارنى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئىجابىي تىپلارنى تىكلەپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئاشكارىلاش؛ ئاساسلىق تەشۋىقات تاراتقۇلىرى ۋە مىكرو بىلوگ، كۆچمە تېرمىنال قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  يەتتىنچى، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو – ئامېرىكا، جۇڭگو – ياۋروپا، جۇڭگو – رۇسىيە، جۇڭگو – بىرازىلىيە، جۇڭگو – شىۋېيتسارىيە، جۇڭگو – ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ئالاقىنى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇن ئىجراسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ھوقۇقنى قوغداشتا ياردەمگە ئېرىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر